UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرپورت - ئو - پرىنس

پورت - ئو - پرىنس

دۇنيادىكى شەھەرلەر گايتى جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتسنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر گايتى ئارىلىدىكى گوناف قولتۇقىنىنڭ شەرقىي شىمال ياقىسىدىكى گۇل دې ساك تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان. ئاھالىسى 719 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇ شەھەر 1749 - يىلى سېلىنغان. كېيىنكى مەزگىللەردە يەر تەۋرەش، ئۇرۇش سەۋەبىدىن زور ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. 1770 - يىلى مەركەز بولغان. پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر، دائىرىسى كەڭ، سىرتقى تەرىپىنى گوناف ئارىلى توسۇپ تۇرىدۇ، ئۇ غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ئاتاقلىق تەبىئىي پورت. پۈتۈن دۆلەت بويىچە ئېكسپورت، ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ 3/2 قىسمىنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. شەھەردە شېكەر، سېمونت، توقۇمىچىلىق، ئۇن تارتىش، ھاراق چىقىرىش، سوپۇن ئىشلەش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. بۇ پورت ئارقىلىق شېكەر، كوفې، كاكائو، پاختا، تېرە، ياغاچ ماتېرىياللىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىى، ماشىنا، ئاپتوموبىل قاتارلىقلار ئىمپورت قىلىنىدۇ. شەھەرنىڭ قاتناش ترانسپورتى، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدىن كارايىپ دېڭىز رايونىدىكى ھەر قايسى ئاراللارغا بارىدىغان ئاۋىئاتسىيە يولى بار. گايتى داشۆسى ۋە باشقا ساياھەت - ئېكسكۇرسىيە ئورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر