لىسبون
دۇنيادىكى شەھەرلەر
پورتۇگالىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، پورتۇگالىيىنىڭ بىرىنچى چوڭ پورتى. شىمالىي ئامېرىكا، غەربىي ئافرىقا، يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئارىلىقىدىكى سۇ، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى، شەھەر ئاھالىسى 822 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981). لىسبون شەھىرىنىڭ ئاساسىنى مىلادىيىدىن ئىلگىرى فىنگىيە خەلقلىرى سالغان. 1245 - يىلى پورتۇگالىيىنىڭ پايتەختى بولغان. 1755 - يىلى چوڭ يەر تەۋرەش بىلەن ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان، كېيىن قايتا قۇرۇلۇپ ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلگەن. لىسبون پورتۇگالىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا - سانائەت مەركىزى، ئۇ ئۆزىنىڭ خىمىيە سانائىتى، نېفىت ئايرىش سانائىتى، ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرى بىلەن پورتۇگالىيىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. لىسبون پورتۇگالىيە بويىچىلا ئەمەس، ياۋروپا بويىچىمۇ ئاتاقلىق پورتلارنىڭ بىرى. پورتۇگالىيىنىڭ چەت ئەللەر ئارا بولىدىغان سودا ئالاقىسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ پورت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، پورتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 14 كىلومېتىر بولۇپ، سۈيى چوڭقۇر، چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى كېلەلەيدۇ، شەھەر يېنىدىكى تاخو دەرياسىغا ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئاسما كۆۋرۈك (ئۇزۇنلۇقى 1013 مېتىر) سېلىنغان بولۇپ، دەريانىڭ ئىككى تەرىپىنى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ. لىسبون پورتى ئارقىلىق سىرتقا ئۈزۈم ھارىقى، سانائەت مەھسۇلاتلىرى، پروپكا ياغىچى، ساردىن بېلىق كونسېرۋاسى قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. سىرتتىن سانائەت خام ئەشياسى ئىمپورت قىلىنىدۇ. لىسوننىڭ قاتناش - ترانسىپورتى تەرەققىي قىلغان. ئۇ جايدا يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1959 - يىلى قۇرۇلغان، ئۇزۇنلۇقى 12 كىلومېتىر كېلىدۇ. لىسبون پورتۇگالىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى، بۇ جايدا نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، پەنلەر ئاكادېمىيىسى، مۇزېيلار، كۆپلىگەن چېركاۋلا، سائەت شەكلىدىكى مەشھۇر بىنالار، كونىشەھەر خارابىلىرى قاتارلىق تارىخىي ئورۇنلار بار. لىسبوننىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىدا مەشھۇر ساياھەت ئورۇنلىرى بار.