UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرقارا قالپاق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

قارا قالپاق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستانىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 166 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 80 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىسىنىڭ %60 نى قارا قالپاق مىللىتى بىلەن ئۆزبېكلەر (ھەرقايسىسى %30 نى تەشكىل قىلىدۇ) ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا قازاق (%26)، رۇس قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان. مەركىزى نۇكۇس شەھىرى، قارا قالپاق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي قىسمى قىزىل قۇم چۆلى بىلەن، غەربىي قىسمى ئۇستيورت ئېگىزلىكى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى ئويمانلىق بولۇپ، ئامۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىم دېلتىسى قاپلاپ تۇرىدۇ. ئىقلىمى ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغاك ىرىدۇ. ھاۋاسى قۇرغاق بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 110 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. كان بايلىقلىرىدىن ئاشتۇزى، شور قاتارلىقلار ئېلىنىدۇ، قارا قالپاق 16 - ئەسىردە بۇخفرا خفنلىقىنىڭ دائىرىسىدە بولغان. 1873 - يىلى چارروسىيە تەركىبىگە قوشۇلغان. 1925 - يىلى ئاپتونوم ئوبلاست بولۇپ قۇرۇلغان، 1936 - يىلى ئۆزبېكىستانغا قوشۇلغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاساسەن كېۋەز، شال، بېدە ئۆستۈرۈلىدۇ. قوي، كالا، ئات، تۆگە قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. سانائەتتە چىگىت ئايرىش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ياغ تارتىش، قۇرۇلۇش - بىناكارلىق، مېتالچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئارال دېڭىزىدىن بېلىق تۇتۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر