UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربريۇسسېل

بريۇسسېل

دۇنيادىكى شەھەرلەر بېلگىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. بۇ شەھەر سىخىرد دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان سېننې دەريا بويىغا جايلاشقان. قانال ئارقىلىق سىخىرد ۋە سېننې دەريالىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 982 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). بۇ جايغا جايلاشقان دەريا ئوتتۇرىسىدىكى ئارالغا 979 - يىلى مەھەللە، پرىستان سېلىنغان بولۇپ، كېيىن مۇھىم قەلئەگە ئايلانغان. بريۇسسېل شەھىرى ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە ئاۋات سانائەت مەركىزىگە ئايلانغان. 18 - ئەسىرگە كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ خېلى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 1830 - يىلى بېلگىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى قىلىپ بېكىتىلگەن. ھازىر بۇ شەھەر ياۋروپا بويىچە زامانىۋى، ۋە تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرنىڭ بىرى. شەھەردە ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبىل، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، خىمىيە قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا كىيىم - كېچەك، گىلەمچىلىك، زىننەت بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلىرىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شەھەردىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە بارىدىغان تۆمۈريول، سۇ يوللىرى بار. بريۇسسېلدىن ھەرقايسى شەھەرلەرگە، خەلقئارادىكى چوڭ شەھەرلەرگە بارىدىغان مۇھىم ھاۋا قاتناش لىنىيىلىرى بار. بربۇسسېل مۇھىم خەلقئارا شەھەر، بۇ جايدا ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش باشقۇرۇش ئورنى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار بار. شۇڭا بۇ شەھەر <ياۋروپانىڭ پايتەختى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شەھەر ئائىلىسىنىڭ 1/4 قىسمىنى چەت ئەللىكلەر تەشكىل قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
بريۇسسېل | UyghurWiki | UyghurWiki