UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئودېسسا

ئودېسسا

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئۇكرائىنا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى قارا دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم پورت شەھىرى، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە لېنىنگرادتىن قالسا ئىككىنچى چوڭ پورت ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 126 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئودېسسا شەھىرى ئودېسسا ئوبلاستىنىڭ مەركىزى بولۇپ، بۇ جايدا 1881 - يىلى چارروسسىيىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان. ئودېسسا 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى مۇھىم ھەربىي پورت بولۇپ قۇرۇلغان، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى مۇھىم سودا پورتىغا ئايلانغان، ھازىر ئۇ ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا ماشىنىسازلىق (كران، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، نازۇك ستانوك، پاراخوت قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش) خىمىيە، نېفىت - خىمىيە، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. ئودېسسا شەھىرىدە نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، رەسەتخانا، مۇزېيخانىلار بار. ئودېسسا شەھىرىنىڭ ھاۋاسى يىللىق، مەنزىرىسى گۈزەل بولغانلىقتىن، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر