UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئىركۇتسكى شەھىرى

ئىركۇتسكى شەھىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي سىبىرىيە رايونىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، ئىركۇتسكى ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر ئىركۇت دەرياسى بىلەن ئانگارا دەريالىرىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان، شەرقىي جەنۇبتىكى بايقال كۆلى بىلەن بولغان ئارىلىقى 66 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 579 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). بۇ جايدا 1686 - يىلى مۇھىم بىر قورغان قۇرۇلغان، 19 - ئەسىردە چارروسىيە بىلەن جۇڭەو ئارىلىقىدىكى مۇھىم ئالماشتۇرۇش سودا نۇقتىسى بولغان. ھازىر مۇھىم دەريا پورتى، تۆمۈريول ھەم خەلقئارا ھاۋا قاتناش بېكىتى ھېسابلىنىدۇ. سانائەتتە ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. يەنە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەك - ئىچمەك، چىرىمتال پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، غەربىي جەنۇبىدىكى شىلخوفتا چوڭ تىپتىكى ئاليۇمىن زاۋۇتى، سىم زاۋۇتى بار. ئىركۇتسكى شەرقىي سىبىرىيىدىكى پەن - مەدەنىيەت، ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئىركۇتسكى شەھىرى | UyghurWiki | UyghurWiki