UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرقىشىم ئارىلى

قىشىم ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ھورمۇز بوغۇزىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئارال، ئۇ پېرسىيە قولتۇقىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال ھېسابلىنىدۇ. ئىران ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، كۆرۈنۈشى تار، ئۇزۇن بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇق قىرغىقى بىلەن تەكشى سوزۇلىدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن ئارالنى قۇران بوغۇزى ئايرىپ تۇرىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 112 كىلومېتىر، كەڭلىكى 11 - 32 كىلومېتىر كېلىدۇ. مەيدانى 1336 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز جايى 406 مېتىر كېلىدۇ. ئىقلىمى قۇرغاق، ئايرىم جايلىرىدا ئاشلىق زىرائەتلىرى بىلەن كۆكتات، خورما ئۆستۈرۈلىدۇ. تۇز قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. قىشىم ئارىلى ستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ ھورمۇز ھەم پېرسىيە قولتۇق ئاغزىنى كونترول قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ئۇ ئىراننىڭ ئابباس پورتىنى قوغداپ تۇرىدىغان تەبىئىي توسۇق ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
قىشىم ئارىلى | UyghurWiki | UyghurWiki