كۇسكو
دۇنيادىكى شەھەرلەر
جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى پېرونىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان تاغلىق شەھەر، كۇسكو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر دېڭىز يۈزىدىن 3616 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ۋاتائى دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز بولغانلىقتىن، ھاۋاسى يىل بويى سالقىن كېلىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 121 مىڭدىن ئاشىدۇ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆپىنى ئىندىئانلار تەشكىل قىلىدۇ، كۇسكو ئامېرىكا بويىچە ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى، ئۇ 11 - ئەسىردىن باشلاپ تاكى 16 - ئەسىرگىچە ھىنگا ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان، 16 - ئەسىردىن باشلاپ ئىسپانىيىلىكلەر ئىگىلەپ ئالغان. كۇسكو مەشھۇر ئارخېئولوگىيە ۋە مەدەنىيەت مەركىزى، بۇ جايدا نۇرغۇنلىغان خان ئوردىلىرى، بۇتخانىلار، قەلئەلەر، تاش تاملارنىڭ قالدۇقلىرى، چېركاۋلار، شۇنداقلا ئارخېئولولوگىيە مۇزېي، 1692 - يىلى قۇرۇلغان داشۆسى بار. كۇسكو شەھىرى ئەتراپىدا ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئېلىنىدۇ. چارۋا مەھسۇلاتلىرى شەھەرگە توپلىنىپ تارقىتىلىدۇ، بۇ جايدا توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، مېتاللۇرگىيە، كۆن - خۇرۇم قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى، خەلقئارا ئايرودرومى بار.