UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركالاخارى

كالاخارى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان قۇملۇق، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى بوتسىۋانا، نامېيىگە توغرا كېلىدۇ. مەيدانى 630 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ ئافرىقا كونا قالقىنى دائىرىسىدىكى چۆككەن ئويمانلىق بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 700-1000 مېتىر كېلىدۇ، ئىقلىمى قۇرغاق ئىسسىق. شىمالىي، شەرقىي شىمال قىسىملىرىنىڭ ھۆل - يېغىنى كۆپرەك بولغانلىقتىن، ئوت - چۆپلەر بىلەن شالاڭ ئورمانلار ئۆسىدۇ. ئوت - چۆپلۈكلەردە ئىسسىق بەلباغ ھايۋاناتلىرى ياشايدۇ. بۇ جايدا ئالماس، مىس، قوغۇشۇن، سىنك، نىكېل، ۋانادىي قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
كالاخارى | UyghurWiki | UyghurWiki