بېلگراد
دۇنيادىكى شەھەرلەر
يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. شۇنداقلا سىربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ مەركىزى شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. بېلگراد ساۋا دەرياسى بىلەن دوناي دەرياسىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان. ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ بىر مىليون 470 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981)، ئۇ يۇگوسلاۋىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. بېلگراد شەھىرى جايلاشقان ئورۇندا مىلادىدىن بۇرۇنقى 4 - ئەسىرلەردە كىلىت خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 1 - ئەسىردىكى رىم ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە <سىنگىدۇنۇم> دەپ ئاتالغان. مىلادى 4 -، 5 - ئەسىرلەردە سىلاۋىيان خەلقلىرى تەرىپىدىن قايتا قۇرۇلغان، بۇ جايغا سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاق رەڭدە ئاقارتىلغانلىقى ئۈچۈن سىلاۋىيان تىلىدا <بېلگراد> دەپ ئاتالغان (ئاق تۈسكە كىرگەن شەھەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ). 1882 - يىلى سىربىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. بېلگراد يۇگوسلاۋىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. بۇ جايدا ماشىنىسازلىق سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ھازىر بېلگراد شەھىرىدە دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى، دەريا پاراخوتلىرى، ستانوك قاتارلىقلار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە خىمىيە، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، نەشرىيات قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ با. بېلگراد شەھىرىنىڭ قۇرۇقلۇق، سۇ، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ئۇ جايدىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە بارىدىغان نۇرغۇن تارماق تۆمۈريول، تاشيوللار بار. ياۋروپادىن ئىستامبول ئارقىلىق كىچىك ئاسىياغا (تۈركىيىگە) ئۆتىدىغان مۇھىم خەلقئارا تۆمۈريولمۇ بېلگراد شەھىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بېلگراد ئىككى دەريانىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن سۇ قاتنىشى قولايلىق، ساۋا، دوناي دەرياللىرى ئارقىلىق دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى رۇمىنىيە، بۇلغارىيىلەرگە، يۇقىرى ئېقىمىغا قاراپ ۋېنگرىيە، ئاۋسترىيە، چېخ ۋەسلوۋاكىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغىلى بولىدۇ. ئۇ يۇگوسلاۋىيىنىڭ مۇھىم دەريا پورتى ھېسابلىنىدۇ.