UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرۋىسىۋا دەرياسى

ۋىسىۋا دەرياسى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئوتتۇرا ياۋروپا ھەم بالتىق دېڭىز سۇ سىستېمىسىدىكى بىرىنچى چوڭ دەريا. باش مەنبەسى پولشىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى سېلزىيە بېسكىدى تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن باشلىنىپ، شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال يۆنىلىشىدە غايەت زور ياي شەكىلدە بېدكاش شەھىرىنىڭ يېنىغا كەلگەندە گىدانىسكى قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1068 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، كۆلىمى 195 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ % 87ى پولشا چېگرىسىغا، قالغان قىسمى چېخوسلوۋاكىيە، سوۋېت چېگرىسىغا توغرا كېلىدۇ. ۋىسىۋا دەرياسىنىڭ بۇگ، سان قاتارلىق ئىككى چوڭ تارمىقى بار. دەريا تۆۋەن ئېقىنىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىن 50 كىلومېتىر يىراق بولغان رايونىدا دېلتا شەكىللەنگەن. ب رايون <ۋىسىۋا دەريا ئاغزى سازلىق رايونى> دەپ ئاتىلىدۇ. دەريانىڭ سۇ ئېنېرگىيە زاپىسى مول، ھازىر دەريا بويىدا نۇرغۇنلىغانسۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلدى. دەريانىڭ سۇ ئېنېرگىيە زاپىسى مول، ھازىر دەريا بويىدا نۇرغۇنلىغان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلدى. دەريانىڭ ئوسۋېتسىم شەھىرىدىن 941 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. مۇھىم دەريا پورتلىرى ۋارشاۋا، كوكراكوۋ، گرانىسكى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ۋىسىۋا دەرياسى، دنېپر دەرياسى، نېمان دەريالىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر