مولداۋىيە
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دىنېستر دەرياسى بىلەن پرۇت دەرياسى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. شىمال، شەرق، جەنۇب تەرەپلىرى ئوكرائىنا بىلەن، غەرب تەرىپى رۇمىنىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەيدانى 33 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 4 مىليون 105 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، مولداۋىيىلىكلەر ئاھالىنىڭ 3/2 قىسمىنى، قالغانلىرىنى ئوكرائىنا، رۇس، يەھۇدى قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى كىشىنېف شەھىرى. مولداۋىيىدە ئېدىرلىقلار بىلەن تۈزلەڭلىكلەر ئۆزئارا كىرىشىپ كەتكەن، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 300 مېتىرغا يەتمەيدۇ. كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل يايلاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 300-500 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. بۇ جاي 14 - ئەسىردە مولداۋىيە كىنەزلىكىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 1812 - يىلى روسىيە تەركىبىگە قوشۇلغان. 1918 - يىلى رۇمىنىيىگە تەۋە بولغان. 1940 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن قوشۇلۇپ، مولداۋىيە سوۋېتە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. مولداۋىيە يېرىنىڭ % 60دە تېرىقچىلىق قىلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئۈزۈمچىلىك بىلەن باغۋەنچىلىك ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۈزۈمچىلىك مەيدانى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈزۈمچىلىك مەيدانىنىڭ 3/1 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۈزۈم، تاماكا ھەم ئەترە مېيى مەھسۇلاتى جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۈزۈم ھ ارىقى، مېۋە ھەم سەي كونسېرۋاسى، شېكەر ئىشلەپچىقىرىدۇ. باغۋەنچىلىك تراكتورلىرى بىلەن يېمەك - ئىچمەك ماشىنىسازلىقى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بېلتىس، بېندىرىلار مۇھىم شەھەرلىرى ھېسابلىنىدۇ.