UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئىران ئېگىزلىكى

ئىران ئېگىزلىكى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىراننىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسمىنى، ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ غەربىي قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەربىي تەرىپىنى زاگروس تېغى، شەرقىنى سۇلايمان تېغى، شەرقىي شىمالىنى ھىندىقۇش تېغى، شىمالىي تەرىپىنى ئېلبورس تاغلىرى قورشاپ تۇرىدۇ. ئېگىز تەكشىلىكنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000-2000 مېتىرغىچە كېلىدۇ. ئېگىز تەكشىلىكنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىدا نۇرغۇنلىغان ئويمانلىق ھەم چۆككەن جايلار بار. ئىران ئېگىز تەكشىلىكىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك بەلباغ چۆل ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ئوتلاقلار بىلەن شورلۇق جايلارمۇ خېلى كەڭ دائىرىنى ئىگىلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئىران ئېگىزلىكى | UyghurWiki | UyghurWiki