سېيپان ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىنچ ئوكىياننىڭ غەربىدىكى مارىئانا ئاراللىرىنىڭ ئاساسىي ئارىلى شۇنداقلا مەمۇرىي مەركىزى تۇرۇشلۇق جاي. شىمالىي كەڭلىك 51°12′ بىلەن شەرقىي ئۇزۇنلۇق 145°43′ ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ، قۇرۇقلۇق مەيدانى 122 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 12 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئارالنىڭ شەرقىي ياقىسىدا قولتۇق كۆل بار. تاغ تىزمىلىرى جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان بولۇپ، ئارالنىڭ 3/2 قىسمىنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، ئەڭ ئېگىز تاڭپوچا چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 479 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ ئاراللارنى 1865 -، 1899 - يىلغىچە ئىسپانىيە ئىگىلىگەن. 1899 - يىلى گېرمانىيە بېسىۋالغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئورۇنغا ئايلانغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە بىلەن ئا ق ش بۇ جايدا قاتتىق ئۇرۇشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئا ق ش نىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. ئارالنىڭ جەنۇبىدا ئايرودروم بار. بۇ جايدا شېكەر قومۇشى، پالما، بانان، مانىخوت، فوسفورلۇق مىنېرال ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.