نۇمېئا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
غەربىي جەنۇبى تىنچ ئوكياندىكى يېڭى كالىدونىيىنىڭ مەركىزى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر ئارالنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 74 مىڭدىن ئاشىدۇ. 1854 - يىلى قۇرۇلغان، دەسلەپتە <فرانسىيە پورتى> دەپ ئاتالغان، 1866 - يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. شەھەرنىڭ ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ، بىر تەرىپى دېڭىزغا يۈزلەنگەن. پورتنىڭ سىرتىنى مارجان ئاراللىرى توسۇپ تۇرىدۇ، پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر بولۇپ، غەربىي جەنۇبى تىنچ ئوكياندىكى ئەڭ ياخشى پورتلارنىڭ بىرى. بۇ جايدا سۇ ئۈستى ئايرودرومى بار. ئامېرىكا، ئاۋسترالىيىلەرگە قاراپ يولغا چىققان ئايروپىلان ھەم پاراخوتلار بۇ جايدا توختاپ ئۆتىدۇ. پورتنىڭ 16 كىلومېتىرسىرتىدىكى خادا تاش ئۈستىدە 100 يىل ئىلگىرى ياسالغان تۆمۈر جاھازىلىق يول كۆرسىتىش چىرىغى بار، بۇ ئارالنىڭ مۇھىم سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. شەھەردە خىلمۇخىل شەكىلدىكى سۇ ئۈستى سارايلىرى بار. سانائەتتە نېكىل تاۋلاش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كېمىسازلىق ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. نېكىل، نېكىل رۇدىسى، پالما قۇرۇقى، كوفى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ.