كوناكرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
گۋېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورتى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر دېڭىز قىرغىقىدىكى كالوم يېرىم ئارىلى بىلەن تومبو ئارىلىغا جايلاشقان. ئارال بىلەن يېرىم ئارال ئەسلى تۇتاشمايتتى، كېيىن توسما، تۆمۈر يول سېلىنىپ تۇتاشتۇرۇلدى. كوناكرى 1884 - يىلى فرانسىيىلىكلەر تەرىپىدىن سېلىنغان. 1958 - يىلى 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى گۋېنىيە مۇستەقىل بولغاندا دۆلەتنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن، كوناكرى غەربىي ئافرىقىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئاھالىسى 700 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982). گۋېنىيىنىڭ ئاساسىي سانائەتلىرى مۇشۇ شەھەرگە مەركەزلەشكەن، بۇ جايدا ماشىنا رېمونت قىلىش، نېفىت ئايرىش، توقۇمىچىلىق، مېۋە كونسېرۋاسى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەتلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇلاردىن سىرت يەنە قۇشخانا، ياغ چىقىرىش، تاماكا ئوراش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار، كالوم يېرىم ئارىلىدا چوڭ تۆمۈر كانى، ئېلېكتر ئىستانسىسى بارئ كوناكرى پورتىنىڭ سۈيى چوڭقۇر، پورتنىڭ پاراخوت توختاش ئورنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1900 مېتىر كېلىدۇ. پورتقا ئون مىڭ توننىلىق ئوكيان پاراخوتلىرى كىرەلەيدۇ. كوناكرى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپلەر بار، ئۆسۈملۈك باغچىلىرى، خەلقئارا ئايرودرومى قاتارلىق ئورۇنلار بار. كوناكرى شەھىرى تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتتىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەر بىلەن مالى، سېنىگال، كوتىدىۋا قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ، تۆمۈر يول كانكان شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. تۆمۈريول كوناكرى شەھىرىدىن چىقىپ، شىمالدىكى پىرىيا ۋە شەرقتىكى كانكان شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. كوناكرى پورتى ئارقىلىق ئاپېلسىن، كوفى قاتارلىق مېۋە - چىۋىلەر، ئاليۇمىن توپىسى، تۆمۈر رۇدىسى قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ.