UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركاپېتوۋن

كاپېتوۋن

دۇنيادىكى شەھەرلەر جەنۇبىي ئافرىقا (ئازانىيە) نىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان ئىككىنچى چوڭ شەھەر. مۇھىم پورتى، كاپېتوۋن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. بۇ جايدا جەنۇبىي ئافرىقا ئاق تەنلىك ئىرىقچىلارنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى بار، شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 476 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، كاپېتۋون 1652 - يىلى قۇرۇلغان، ئۇ غەرب مۇستەملىكچىلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسىم ئافرىقىدا ئەڭ دەسلەپ قۇرغان مۇستەملىكىچىلىك پونكىتى. گوللاندىيە ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئىچكى قىسىملارغا كېڭىيىشتە بۇ جاينى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بازىسى قىلغان. شەھەردە چوڭ تىپتىكى توقۇمىچىلىق، ھاراق ئىشلەش، تاماكا، نېفىت ئايرىش كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. بۇلاردىن باشقا يېمەك - ئىچمەك، خىمىيە، كۆن - خۇرۇن، قەغەز قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. كاپېتۋون شەھىرى ئاتلانتىك ئوكيانغا يۈزلەنگەن تابىل قولتۇق بويىغا جايلاشقان، ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم پورتلىرىدىن بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 40 تىن ئوشۇق چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ، شەھەردە خەلقئارا ئايرودرومى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، موزېيلار، گۈزەل سەنئەت ئورۇنلىرى، ئۆسۈملۈك باغچىلىرى بار. بۇ جاينىڭ قاتناش ۋە ستراتېگىيە جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقتىن ياۋروپاغا ماڭغان غايەت زور تىپتىكى نېفىت پاراخوتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ جاينى بېسىپ ئۆتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر