ۋلادىۋوستوك
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئەسلى جۇڭگونىڭ يېرى بولۇپ، <خەيشېنۋېي> دەپ ئاتالغان، ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىدىكى ئەڭ چوڭ پورتى، سىبىرىيە تۆمۈر يولىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى، دېڭىز قىرغاق ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تىنچ ئوكيان ئىسكادرىسىنىڭ باش شتابى مۇشۇ شەھەردە تۇرىدۇ. ۋىلادىۋوستوك شەھرىنىڭ ئاھالىسى 600 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇ جايدا كېمىسازلىق، بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.