كايېننا شەھىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
فرانىيىسىگە قاراشلىق گۋىئانانىڭ مەركىزى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر شەرقىي شىمال دېڭىز ياقىسىدىكى كايېننا دەرياسىنىڭ دېڭىز ئاغزىغا يېقىن كايېننا ئارىلىنىڭ غەربىي ياقىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 38 مىڭ 135 كىشى (1982). كايېننا 1643 - يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، 1777 - يىلى كايېننا شەھىرى دەپ ئاتالغان. 1949 - يىلىدىن ئىلگىرى فرانسىيىنىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەر بىلەن مەھب ۇسلارنى قامايدىغان جايى بولغان. ھازىر شەھەر ئەتراپىدا شېكەر قۇمۇشى، كوفې، ئاناناس، شال قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائەتتە ياغاچچىلىق، ھاراق ئىشلەش، يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. پورتقا سۇ كۆتۈرۈ لگەن ۋاقىتتا ئوكيان پاراخوتلىرى كىرەلەيدۇ. پۈتۈن گۋىئانا بويىچە ئېكسپورت، ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كايېننا پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ياغاچ، شېكەر، ھاراق، ئالتۇن، تېرە - خۇرۇم قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپى فرانسىيە، ئا ق ش غا ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شەھەر رايونىغا 13 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا خەلقئارا ئايرودرومى بار. كايېننا شەھىرى تاشيول ئارقىلىق كورۇ، دۇرا شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.