UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركاباردا - بالكار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

كاباردا - بالكار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى بولۇپ، شىمالىي كاۋكازنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. مەيدانى 12 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 716 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ كۆپىنى كاباردا ھەم بالكار خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا رۇس، ئوكرائىن قاتارلىق مىللەتلەرمۇ بار. كاباردا - بالكار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى 1936 - يىلى 12 - ئايدا ئوبلاست بولۇپ قۇرۇلغان. مەركىزى نالچىك شەھىرى، جۇمھۇرىيەتنىڭ كۆپ قىسمىنى تاغلىقلار تەشكىل قىلىدۇ، جەنۇبىي قىسمىنى چوڭ كاۋكاز تاغلىرىنىڭ ئىلبورس چوققىسى (5633 مېتىر) ھەم ئۇنىڭدىن باشقا ئېگىزلىكى 5000 مېتىردىن يۇقىرى بولغان بىرقانچە تاغ چوققىلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ. يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن مولېبدىن، ۋۇلفرام، سۈرمە، قوغۇشۇن، ئاليۇمىن، ۋىسمۇت، قەلەي قاتارلىق رەڭلىك مېتاللارنىڭ زاپىسى مول، مېنېرال بۇلاقلارمۇ كۆپ. ئىقلىمى ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 800 مىللىمېتىرىدن ئاشىدۇ، تاغ ئېتەكلىرىدە 500-600 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىك ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇغداي، كۆممىقوناق، ئاپتاپپەرەس، كەندىر قاتارلىق زىارائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ، چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلغان. رەڭلىك مېتاللارنى قېزىش، نېفىت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ھەمدە كۆرسەتكۈچلۈك ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئاساسىي شەھەرلىرى پروخلادنې ھەم دۇكشۇكىنولاردىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر