UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئىكىتوس

ئىكىتوس

دۇنيادىكى شەھەرلەر پېرۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي شىمالىغا، ئامازون دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان پورت شەھىرى. پېرۇنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى مۇھىم سودا - سانائەت، قاتناش تۈگۈنى. ئىكىتوس شەھىرىدىن شەرقتىكى ئاتلانتىك ئوكيانغا بولغان ئارىلىقى 3700 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئىكىتوس ئەسلى كىچىك بىر بېلىقچىلىق يېزىسى بولۇپ، 1863 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. شەھەر ئاھالىسى 110 مىڭدىن ئاشىدۇ. شەھەر ئەتراپىدا كاۋچۇك، شېكەر قومۇشى، كوفې قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىكىتوس پورتى ئارقىلىق چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ھازىر بۇ ئورۇن پېرۇنىڭ ئامازون رايونىدىكى مۇھىم نېفىت سانائەت مەركىزى، پېرۇنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت، دىن، ساياھەت رايونى بولۇپ تۇرماقتا. ئىكىتوس شەھىرى نېفىت سانائىتى بىلەن پېرۇدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا توقۇمىچىلىق، ھاراق ئىشلەش، ياغاچچىلىق، خۇرۇم قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، ئايرودرومى قاتارلىق ئورۇنلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئىكىتوس | UyghurWiki | UyghurWiki