يېڭى كۇزنېتىكسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
بۇ شەھەر غەربىي سىبىرىيىدىك كۇزنېتسكى ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا، توم دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى بولغان ئابا، كوندوما دەريالىرىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان. دەسلەپتە <كۇزنېتىسكى> دەپ ئاتالغان. 1961 - يىلدىن كېيىن ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. شەھەر ئاھالىسى 579 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى 1617 - يىلى سېلىنغان. شەھەر ئەتراپىدا كۆمۈر زاپىسى ناھايىتى مول. بۇ شەھەر 1929 - يىلى كۇزنېتىسكى پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەم كۆمۈرلۈكلەرنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، تەرەققىي قىلغان شەرقىي رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئېغىر سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. سانائەتتە پولات - تۆمۈر، كۆمۈر، ماشىنىسازلىق (كان ماشىنىلىرى، پاراۋوز قاتارلىقلار)، كوكۇس، خىمىيە سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئاليۇمىن، قۇرۇلۇش - بىناكارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. شەھەرنىڭ شەرقىدىكى مىسكى رايونىدا چوڭ تىپتىكى ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى بار، شەھەردە يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي رايونى بويىچە مۇھىم مېتاللۇرگىيە تەتقىقات - لايىھىلەش مەركىزى بار.