چىكاگو
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئا ق ش نىڭ ئىللىنوس شتاتىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا قايلاشقان چوڭ سودا - سانائەت شەھىرى. ئا ق ش بويىچە نيويوركتىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھەر. مۇھىم پۇل مۇئامىلە، سودا، مەدەنىيەت مەركىزى، چوڭ قاتناش تۈگۈنى. شەھەرنىڭ ئاھالىسى 8 مىليون 314 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). چىكاگو 1834 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولغان. بۇ جاي دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ تۆمۈريول تۈگۈنى بولۇپ، 32 تارماق تۆمۈريول چىكاگو شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆل ھەم قاناللار ئارقىلىق ئا ق ش نىڭ بەش چوڭ كۆل رايونىدىكى شەھەرلەر بىلەن تۇتىشىدۇ. چىكاگونىڭ پولات - تۆمۈر، مېتاللۇرگىيە، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، خىمىيە سانائەت، قاتناش ماشىنىلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئايروپىلان، ئېلېكترون، يېمەك - ئىچمەك، نەشرىيات قاتارلىق سانائەتلىرى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. چىكاگو شەھىرى ھەم ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئەتىراپى ئا ق ش بويىچە شەرقىي شىمالدىكى دېڭىز قىرغاق رايونىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ سانائەت رايونى، بۇ جايدا ئاتاقلىق چوڭ بانكىلار، ئا ق ش بويىچە ئەڭ ئاتاقلىق سودا دۇكانلىرى، چىكاگو داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، مۇزېيلار، ئاتاقلىق خاتىرە ئورۇنلىرى بار.