UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرسېرى بېگاۋان پورتى

سېرى بېگاۋان پورتى

دۇنيادىكى شەھەرلەر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بېرونىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر بېرونى قولتۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، بېرونى دەريا ئاغزىدىن 14.5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئورۇنغا جايلاشقان. ئاھالىسى 50 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). بۇ جاي ئەسلى دەريا بويىنى بويلاپ تارقالغان 10 نەچچە كەنتتىن ئىبارەت بولۇپ، ھازىر تەرەققىي قىلىپ زامانىۋى شەھەرگە ئايلاندى، بۇ جايدا كاۋچۇك پىششىقلاپ ئىشلەش، ياغاچچىلىق، سانائەت كارخانىلىرى بار. تاشيوللار ئارقىلىق تۇتۇڭ، چىليا، بېلايى، مۇئارا، ۋەنكا قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ يېنىدا زامانىۋى خەلقئارا ئايرودرومى بار. بۇ جايدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ئايروپىلان قاتناپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
سېرى بېگاۋان پورتى | UyghurWiki | UyghurWiki