كولن
دۇنيادىكى شەھەرلەر
گىرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى رېين دەريا بويىغا جايلاشقان مەشھۇر شەھەر. مۇھىم سانائەت مەركىزى، گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ، ميۇنخىن شەھەرلىرىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى. شەھەر ئاھالىسى 976 مىڭدىن ئاشىدۇ. كولن ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ، ئىقتىسادىي خېلى تەرەققىي قىلغان رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ شەكىللەنگەن. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ رۇدا، كۆمۈر كانلارنىڭ ئېچىلىشى ۋە تۆمۈر يوللىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تەرەققىياتى تېخىمۇ تېز بولغان. ھازىر گېرمانىيىنىڭ رېين دەريا بويىدىكى ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، سۇ، قۇرۇقلۇق قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ. كولن - بونن ئايرودرومى شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، شەھەر ئىچىدە بريۇسسېل، بونن قاتارلىق شەھەرلەرگە قاتنايدىغان تىك ئۇچار ئايرودرومى بار. كولن شەھىرىدىن يولغا چىققان پاراخوتلار رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەن ۋە يۇقىرى ئېقىن رايونلىرىغا بىمالال بارالايدۇ. كولن ماشىنىسازلىق ۋە خىمىيە سانائىتى بىلەن گېرمانىيىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ جايدا گېرمانىيە بويىچە ئاتاقلىق فوت ئاپتوموبىل زاۋۇتى بار. بۇنىڭدىن سىرت كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيە، مېتاللۇرگىيە، نېفىت ئايرىش، ھەربىي قورال - ياراق ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، دورىگەرلىك سانائەتلىرىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. كولن گېرمانىيە بويىچە چوڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى، شەھەردە چوڭ بانكىلار، چوڭ سودا ماگزىنلىرى، قەدىمىي تارىخىي ئورۇنلار، ئاتاقلىق كولن چېركاۋسى (ئەڭ ئېگىز مۇنارىسى 161 مېتىر كېلىدۇ)، رىم دەۋرىدىكى يەر ئاستى مەيدانىلىرى ۋە باشقا تارىخىي ئورۇنلار بار. ماكرس بىلەن ئېنگېلس ئۆز ۋاقتىدا بۇ جايدا <يېڭى رېين گېزىتى> نى باشقۇرغان.