تاشكەنت شەھىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، ئۆزبېكىستاننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى. بۇ شەھەر ئۆزبېكىستانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سىر دەرياسىنىڭ تارمىقى چىرچىق دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 2 مليون 30 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىلا بازار بولۇپ قۇرۇلغان. مىلادى 6 - ئەسىردە سودا ھەم قول سانائىتى خېلى تەرەققىي قىلىپ، شەرق - غەرب ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەم قاتناش تۈگۈنى بولغان، كۆپ قېتىم يەر تەۋرەشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان. 1966 - يىلدىكى چوڭ يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغاندىن كېيىن قايتىدىن قۇرۇلغان، ھازىر سوېت ئۆزبېكىستاننىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، شەھەرنىڭ ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ يېنىدا چوڭ تىپتىكى ئوت ئېلېكتر ئىستانىسى بار. شەھەرنىڭ تۆمۈريول، تاشيول قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، خەلقئارا ئايرودورمى، يەر ئاستى تۆمۈريولى بار. تاشكەنت ئۆزبېكسىتاننىڭ ئەڭ ئاتاغلىق مەدەنىيەت مەركىزى. شەھەردە ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، 12 -، 16 - ئەسىرلەردە سېلىنغان ئاتاقلىق قەدىمىي قۇرۇلۇشلار، مۇزېيخانىلار، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق قەدىمىي قۇرۇلۇشلار، مۇزېيخانىلار، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق باغچىلار، ساياھەت ئورۇنلىرى، تىياتىرخانىلار بار.