خاۋ ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدىكى تۇئاموتو تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئارال. ئورنى جەنۇبىي كەڭلىك 18°13′ بىلەن غەربىي ئۇزۇنلۇق 140°54′ ئارىلىقىدا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ ئارالدا فرانسىيىنىڭ ئاتوم قوراللىرىنى سىناق قىلىش بازىسى بار. ئاھالىنىڭ كۆپىيىشى ناھايىتى تېز، 1962 - يىلى ئاھالىسى 194 كىشى بولغان بولسا، 1971 - يىلى كوپىيىپ 1268 گە يەتكەن. ئارالدا چوڭ تىپتىكى ئايرودورمى بار.