UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرگوللاندىيىگە قاراشلىق ئانتىل ئارىلى

گوللاندىيىگە قاراشلىق ئانتىل ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى گوللاندىيە مۇستەملىكلىرىنىڭ ئومۇمىي نامىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جايلار جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ياقىسىدىكى كوراسو (مەيدانى 443 كۋادرات كىلومېتىر)، ئارۇبا (190 كۋادرات كىلومېتىر)، بونېي (228 كۋادرات كىلومېتىر)، قاتارلىق ئۈچ ئارال ھەم كىچىك ئانتىل ئاراللىرىنىڭ شىمالىدىكى سان مارتىن ئارىلىنىڭ جەنۇبى (34 كۋادرات كىلومېتىر)، سابا (13 كۋادرات كىلومېتىر)، سانت ئېيوستاس (21 كۋادرات كىلومېتىر) ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 993 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 270 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982). ئاھالىنىڭ كۆپىنى نېگىرلار، ئىندىئانلار، ئۇنىڭدىن قالسا ئاز ساندىكى ئاق تەنلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. %82 ئاھالىسى كاتولىك دىنىغا، قالغانلىرى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدالىرى گوللاندىيە تىلىنى قوللىنىدۇ، يەنە ئىنگلىز ئىسپان تىللىرىنىمۇ ئورتاق قوللىنىدۇ، بىراق يەرلىك خەلقلەر فاپىمەن يەرلىك تىلىنى ئىشلىتىدۇ. گوللاندىيىگە قاراشلىق ئانتىل ئاراللىرىنىڭ مەركىزى ۋىللېمىستار شەھىرى. ئاھالىسى 50 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇ ئاراللار ئىچىدىكى كوراسو ئارىلىغا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى 1499 - يىلى كەلگەن. 1634 - يىلى گوللاندىيە ئىگىلىگەن. 18 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە ئىگىلىگەن. 1816 - يىلى قايتا گوللاندىيە ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن، 1954 - يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. بۇ ئاراللار ئىقتىسادتا نېفىت سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ، كوراسو ۋە ئارۇبا ئاراللىرىدا گوللاندىيە ھەم ئا ق ش كاپىتالى بىلەن قۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى نېفىت ئايرىش سانائەت ئورۇنلىرى بار. بۇ جايدىكى نېفىت ئايرىش سانائەت ئورۇنلىرى ۋېنسۇئېلادىن ئىمپورت قىلغان نېفىتنى پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىدۇ. نېفىت ئايرىش سانائىتىدىن باشقا يەنە نېفىت خىمىيە، توقۇمىچىلىق، تاماكا، ئاليۇمىن تاۋلاش، ئېلېكترون قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. 60 - يىللاردىن باشلاپ ساياھەتچىلىك بىلەن كېمىسازلىق سانائىتىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. يېزا ئىگىلىكى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، قوناق، تالالىق ئاگاۋى، لىمون قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتنىڭ% 95 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاراللارنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ھەربىر ئارالدا پورت، ئايرودروم بار. ئارۇبا، سان مارتېن ئاراللىرىدا خەلقئارا ئايرودرومى، كوراسو ئارىلىدا 120 مىڭ توننىلىق پاراخوتلارنى رېمونت قىلىش ئورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر