ئېلىسىې ئوردىسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
پارىژدىكى ئېلىسىې مەيدانىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان. ھازىر فرانسىيىنىڭ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي. بۇ ئوردا 1718 - يىلى سېلىنىپ، ئېفلىنىڭ شەخس قورا جايى بولغان. 1793 - يىلى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ ئېلىنغاندىن كېيىن، ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى قىلىنغان ھەم ئېلىسىې دەپ نام بېرىلگەن. 1848 - يىلى پادىشاھ ئوردىسى قىلىنغان. 1873 - يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى قىلىنغان. ئاخبارات خەۋەرلىرىدە دائىم قوللىنىلىدىغان ئېلسىې ئوردىسى فرانسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ يەنە بىرخىل ئاتىلىشى ھېسابلىنىدۇ.