خاسا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئۆلكە، ئۇ شىمالدا كوۋەيتتىن تارتىپ جەنۇبىي قاتارغا قەدەر، غەربكە دېھنا قۇملۇقىدىن شەرقتە ئەرەب (پېرسىيە) قولتۇقىغا بولغان ئارىلىقىنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 10 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. خاسانىڭ غەربىنى سامان ئېگىزلىكى، شەرقىنى كەڭلىكى 80 كىلومېتر كېلىدىغان خاسا تۈزلەڭلىكى ئىگىلەيدۇ. ئاھالىسى 40 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ. خاسا قۇمساڭغۇ جاي بولۇپ، توپا قاتلىمى چىڭ، بۇ ئەھۋال يەر ئاستى قىسمىدىكى سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى توسۇيدۇ. شۇڭا، بۇ جاينىڭ يەر ئاستى سۈيى مول، مەلۇم بىر جاينى ئازراق كولىسىلا سۇ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ جايغا خاسا (سازلىق جاي، كىچىك بۇلاق سۈيى بار جاي) دەپ نام بەرگەن. خاسا ئۆلكىسىنىڭ يەر ئاستى سۈيى مول بولغانلىقتىن، ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان بويىچە ئەڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك رايونى بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ جايدا 60 دىن ئوشۇق بۇلاق بار. خاسا تۈزلەڭلىكى دۆلەت بويىچە مۇھىم دېھقانچىلىق رايونلىرىدىن بىرى. بۇ جايدا 12 مىڭ گېكتاردىن ئوشۇق تېرىلغۇ يەر بار. خاسا ئۆزىنىڭ بۇغداي، ئارپا، مېۋە - چىۋە، سەي، شال قاتارلىق زىرائەتلىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدىن مەرۋايىت ئېلىنىدۇ. خاسا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇھىم نېفىت سانائەت ۋە نېفىت رايونى بولۇپ، بۇ جايدا يەنە ئون نەچچە چوڭ تىپتىكى نېفىتلىك بار.