موبۇتۇ كۆلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئافرىقىدىكى تاتلىق سۇلۇق كۆل. ئېكۋاتورنىڭ شىمالىدىكى زايىر بىلەن ئۇگەندانىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان. بۇ كۆل 1972 - يىلدىن ئىلگىرى <ئالبېرت كۆلى> دەپ ئاتالغان. يەر پوستىنىڭ ئۈزۈلۈپ ئولتۇرۇشىدىن شەكىللەنگەن. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 619 مېتىر كېلىدۇ. غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 180 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى تەخمىنەن 45 كىلومېتىر كېلىدۇ. مەيدانى 5350 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر يېرى 48 مېتىر كېلىدۇ، غەربىي جەنۇبتىكى ئېدۋارد كۆلىدىن ئېقىپ چىقىدىغان سۇسېمىلىكى دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ، شەرقىي شىمالدىكى كىيۇكا كۆلىدىن ئېقىپ چىقىدىغان سۇ ۋىكتورىيە نىل دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. كۆل ئەتراپىدىكى چۆكمە جىنسىلىق تۈزلەڭلىكلەرنىڭ دائىرىسى خېلى كەڭ بولۇپ، سازلىقلار كەڭ تارقالغان دىلتا شەكىللەنگەن. كۆل سۈيى شىمالغا قاراپ ئالبېرت نىل دەرياسى ئارقىلىق ئاق نىل دەرياسىغا قويۇلىدۇ. كۆلنىڭ ئىككى تەرىپى تىك بولۇپ، چوڭقۇر جىلغىلار كۆپ. بېلىق، بېگېموت، تىمساق ھەم ئۇچار قاناتلار ناھايىتى كۆپ ياشايدۇ. كۆل ياقىسىدا پىل، ياۋا كالا، تاغ ئۆچكىسى ۋە باشقا ياۋايى ھايۋانلارمۇ ناھايىتى كۆپ.