تايتى ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىن ئوكياننىڭ شەرقىگە جايلاشقان فرانسىيىگە قاراشلىق پولېنېرىيە ئاراللىرى سىستېمىسى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال. بۇ ئارالنىڭ يەر مەيدانى 1042 كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 92 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنى پولېنىزسلىكلەر ئىگىلەيدۇ. ئۇلاردىن باشقا يەنە خەنزۇلار بار. تايتى ئارىلىنىڭ مەركىزى پالپت شەھىرى. بۇ جاينىڭ ئىقلىمى تروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ھاۋاسى يىل بويى ئىسسىق، ھۆل - يېغىنى مول بولىدۇ. تايتى ئاراللىرىدا يەرلىك خەلق پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەت قۇرغان. 1606 - يىلى بىرىنچى بولۇپ كىروس دېگەن كىشى كېلىپ، بۇ ئاراللارغا <ئىسلاساگىتارىيە> دەپ نام بەرگەن (بۇ نام مەرگەن ئاراللىرى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ). 1767 - يىلى ئەنگلىيىلىك دېڭىزچى سوۋورفولىس بۇ جايغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، گېئورگى Ⅳ ئارىلى دەپ نام بەرگەن. 1842 - يىلغا كەلگەندە فرانسىيىنىڭ ھامىلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان، 1880 - يىلىدىن باشلاپ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1958 - يىلى فرانسىيىنىڭ سىرتقى ئۆلكىسى بولۇپ ئايرىلغان. ھازىر بۇ جايدا فرانسىيىنىڭ ھەربىي بازىلىرى، رادار پونكىتلىرى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم ئاتوم قوراللىرىنى سىناق قىلىش مەيدانلىرى بار. فرانسىيە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ جايدا ئاتوم قوراللىرىنى سىناق قىلىپ كەلمەكتە. يەرلىك خەلق كوكۇس پالمىسى، شېكەر قومۇشى، ئاپېلسىن قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. فوسفورلۇق مىنېرال ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.