UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرپولشا

پولشا

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ شىمالىغا، بالتىق دېڭىزىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 312 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن ئاشىدۇ. پولشىنىڭ جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس بولۇپ، جەنۇبتىكى تاغلىق، ئېدىرلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 500 دىن 1500 مېترغىچە كېلىدۇ. ئوتتۇرا شىمالىي قىسىملىرى تۈزلەڭلىك بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 200 مېتردىن تۆۋەن تۇرىدۇ. پولشىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىمغا كىرىدۇ. قىشتا بەك سوغۇق ئەمەس، يازلىقى يىللىق كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئىقلىمى غەربىي ياۋروپانىڭ مۆتىدىل بەلباغ دېڭىز - ئوكيان خاراكتېرلىك ئىقلىمىدىن، شەرقىي ياۋروپانىڭ مۆتىدىل ماتىرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم ئارىلىقىدىكى ئۆتكۈچى خاراكتېرلىك ئىقلىم بولۇپ، كۆپ ئورۇنلىرىنىڭ 1 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃1 - دىن ℃5 - قىچە، 7 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃17 دىن ℃19 قىچە بولىدۇ. ھۆل - يېغىن مىقدارى يىل بويى تەكشى بولغانلىقتىن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا پايدىلىق. پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 27.5% نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. پولشىنىڭ كان بايلىقلىرى خېلى مول. بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغىنى كۆمۈر، ئۇنىڭ ئومۇمىي زاپىسى 150 مىليارد توننا بولۇپ، دۇنيادا 6 - ئورۇندا تۇرىدۇ. كۆمۈر ئاساسەن يۇقىرى سېلزىيە رايونىغا مەركەزلەشكەن. پولشانىڭ ئاھالىسى 37 مىليون 100 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، بۇنىڭ 98% نى پولەك مىللىتى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئوكرائىن، بېلوروس، لىتۋا، نېمىس، يەھۇدى قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت تىلى پولەك تىلى، پايتەختى ۋارشاۋا شەھىرى، پولشا 965 - يىلى دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. 1025 - يىلى بىرلىككە كەلگەن پولشا پادىشاھلىقى شەكىللەنگەن. 1569 - يىلى لىتۋا بىلەن بىرلىشىپ بالتىق دېڭىزىدىن قارا دېڭىزغا قەدەر بولغان كەڭ ئورۇنلارنى ئىگىلىگەن. 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى پروسىيە، ئاۋسترىيە ۋە چارروسىيە تەرىپىدىن ئۈچ قېتىم بۆلۈپ ئېلىنغان، 1918 - يىلى قايتا مۇستەقىل بولغان. 1939 - يىلى فاشىست گېرمانىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1944 - يىلى گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى پولشا خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان. پولشا تەرەققىي قىلغان سانائەت، يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە سانائەت 5/4 نى ئىگىلەپ ياۋروپا بويىچە 6 - ئورۇندا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ماشىنىسازلىق سانائىتى تەرەققىي قىلغان، ئۇنىڭ قىممىتى پۈتۈن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 4/1 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇ پۈتۈن سانائەتنىڭ يادروسى، ماشىنىسازلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ 5/2 قىسمى ئېكسپورت قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە پاراخوت، پاراۋۇز ئاساس قىلىنىدۇ. ئىشلەپچىقارغان پاراخوتنىڭ كۆپىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېكسپورت قىلىدۇ، پاراۋۇز ئېكسپورتى دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنڭىدىن باشقا ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، كان ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سانائىتىدىن باشقا پولات - تۆمۈر، خىمىيە، توقۇمىچىلىق سانائەتلىرىمۇ ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. پولىشىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيىسى بەك يۇقىىرى ئەمەس، يېزا ئىگىلىكىدە يەككە ئىگىلىكتىكى يەر 5/4 نى ئىگىلەيدۇ. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى بىلەن كوپىراتى ئىگىلىكىدىكى يەر ئاز. ئاشلىق بىلەن ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلەپ كېتەلمەيدۇ. دېھقانچىقىلىدا ئەڭ ئاساسلىقى قارا بۇغداي ئۆستۈرۈلىدۇ. مەھسۇلات دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ پولشا خەلقىنىڭ ئاساسىي ئوزۇقلۇقى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا بۇغداي، ئارپا، ياڭيۇ، قىزىلچا ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي، چوشقا ئاساس قىلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ شىمالىي، ئوتتۇرا قىسىملىرىدا كالا، جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلاردا قوي، غەربىي شىمالى قىسىملىرىدا چوشقا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. پولشىنىڭ قاتناش - ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان، دۆلەتنىڭ ھەممە چوڭ شەھەرلىرى 24 مىڭ كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈريول ۋە 220 مىڭ كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتىكى تاش يوللار ئارقىلىق بىر - بىرىگە باغلىنىپ تۇرىدۇ. دۆلەت ئىچىدە قاتناش قىلىشقا بولىدىغان دەريا، قاناللارنىڭ مۇساپىسى خېلى ئۇزۇن، پولشا دېڭىز ترانسپورتىدا گىدانىسكى، كىدىنىيە ۋە شىتسىن پورتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
پولشا | UyghurWiki | UyghurWiki