چېخ ۋەسلوۋاك
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئوتتۇرا ياۋروپاغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇ چېخۋەسلوۋاك دىن ئىبارەت ئىككى مىللەت ئولتۇراقلاشقان ئورۇندىن تەشكىل تاپقانلىقى ئۈچۈن، شۇ ئىككى مىللەت نامى بىلەن چېخۋەسلوۋاك دەپ ئاتالغان. يەر مەيدانى 127 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە چېخلار ئولتۇراقلاشقان رايونىنىڭ مەيدانى 78 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، سىلوۋاكلار ئولتۇراقلاشقان رايونىنىڭ يەر مەيدانى 49 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئومۇمىي ئاھالىسى 15 مىليون 480 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). بۇنىڭ % 64نى چېخلار، % 31نى سىلوۋاكلار ئىگىلەيدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە ئوكرايىن، پولەك، ۋېنگر، رۇس، نېمىس، سىگان، يەھۇدى قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت تىلى چېخ بىلەن سىلوۋاك تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى پراگا شەھىرى. چېخ ۋەسلوۋاك ئېگىزلىك، تاغلىقلارنى ئاساس قىلغان دۆلەت، ئۇنىڭ غەربىدە چېخ ئېگىزلىكى، شەرقىدە سىلوۋاك تاغلىقى بار. تاغلىق، ئېگىزلىكلەر ئارىسىدىكى بېلىتاۋا، موراۋا، دوناي دەريا بويلىرىدا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئۈچۈن قولاي دەريا ۋادا تۈزلەڭلىكلىرى بار. چېخۋەسلوۋاكنىڭ ئىقلىمى يىللىق ماتېرىك خاراكتېرلىك ياز پەسلى ئىسسىق بولىدۇ، قىش پەسلى بەك سوغۇق بولمايدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى تۈزلەڭلىك رايونلار 450-800 مىللىمتېر، تاغلىق رايونلاردا 800-1300 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ %35 نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. چېخ ۋەسلوۋاك دۇنيادا سانائىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەت، ئىقتىسادتا سانائەت مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ قىممىتى پۈتۈن سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 5/4 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. سانائىتىنىڭ بولۇپمۇ ماشىنىسازلىق سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ، پۈتۈن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 3/1 دىن كۆپرەكىنى، ئېكسپورتىنىڭ 2/1 نى ئىگىلەيدۇ. چېخۋەسلوۋاك ياۋروپا بويىچە مۇھىم ماشىنىسازلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت. ئۇ مۇرەككەپ، نازۇك ئەسۋاب - ئۈسكۈنە، ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق، ئۈسكۈنلىرى، ستانوك، پاراۋوز، ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا داڭلىق. بۇلاردىن باشقا يەنە پولات - تۆمۈر سانائىتى، خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر سانائىتى ۋە توقۇمىچىلىق، ئاياغ كىيىم، ئەينەك، پىۋا ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان يېنىك سانائىتىمۇ تەرەققىي قىلغان. چېخۋەسلوۋاكنىڭ يېزا ئىگىلىكى ماشىنىلاشقان. چارۋىچىلىقىدا كالا، چوشقا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ خىل چارۋا چېخ رايونى بىلەن موراۋىيە رايونىدا بېقىلىدۇ، قوي شەرقتىكى تاغلىق سىلوۋاك رايونىدا بېقىلىدۇ. دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسىملىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى سەل تۆۋەنرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ جاي نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلماقتا.