UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرباتتامباڭ

باتتامباڭ

دۇنيادىكى شەھەرلەر كامبودژىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، باتتامباڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، مۇھىم ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ھەم قاتناش مەركىزى. باتتامباڭ مىلاددىن بۇرۇنقى 9 - ئەسىردىن 15 - ئەسىرگىچە دۆلەتنىڭ پايتەختى بولغان. ھازىر شەھەر ئاھالىسى 67 مىڭدىن ئاشىدۇ. باتتامباڭ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا شال، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەر كۆپلەپ ئۆستۈرۈىدۇ. شەھەردە گۈرۈچ ئاقلاش، ياغاچچىلىق، توقۇمىچىلىق، فوسفورلۇق، تۇز قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. باتتامباڭ قەدىمدىن تارتىپ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. بۇ جايدىن تۆمۈريول، تاشيوللار كېسىشىپ ئۆتىدۇ، مۇھىم ئايرودرومى بار. ئۇ، تايلاندقا ئۆتىدىغان مۇھىم تۆمۈريول، تاشيول بېكىتى. باتتامباڭ شەھىرىدە مەشھۇر كىخمېر ئىبادەتخانىلىرى، قەدىمىي تارىخىي ئورۇنلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
باتتامباڭ | UyghurWiki | UyghurWiki