لىۋېرپول
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئەنگلىيىن ىڭ غەربىي شىمال دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان ئىككىنچى چوڭ پورتى، مۇھىم سودا - سانائەت، قاتناش مەركىزى. لىۋېرپول 1207 - يىلى سېلىنغان. شەھەر ئاھالىسى 539 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ جايلار 15 - ئەسىردىن باشلاپلا ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم سودا پورتى بولۇپ، شەكىللەنگەن. ئەنگلىيىنىڭ غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىغا قاراپ كېڭىيشىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتقان، بۇ جايدىكى دەريا ئاغزى كەڭ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 8.4 مېتىرغا يېتىدۇ. پورتنىڭ ئۈسكۈنىلىرى زامانىۋى، بۇ پورت ئارقىلىق ئاساسەن ئاشلىق، شېكەر، ئۆسۈملۈك مېيى، پاختا ئىمپورت قىلىنىدۇ. پولات، خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرى، ماشىنا، ئاپتوموبىل قاتارلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. لىۋېرپولىنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلغان. ئۇ ئەنگلىيە بويىچە مۇھىم كېىمىسازلىق سانائەت مەركىزى، بۇ جايدا ھەرخىل تىپتىكى پاراخوتلارنى ياساش، رېمونت قىلىش ئورۇنلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، دىزېل ماشىنىلىرىنى ئىشلەش، رېئاكتىپ ئايروپىلاننىڭ ماتورىنى ىشلەش، ئەسۋاب - ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىش، خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەتلەرمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. لىۋېرپول شەھىرى ھەر تەرەپكە قېزىلغان قاناللار ئارقىلىق غەربىي جەنۇبتا برىستول شەھىرىگە، شەرقىي جەنۇبتا لوندونغا، شەرقتە گىگىل قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى بەك قولاي، مېرىسېي دەريا ئاستىدىن ئۆتىدىغان تونېل (1934 - يىلى قاتناش باشلانغان) شەھەرنىڭ ئىككى تەرىپىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. لىۋېرپول شەھىرىدىكى 2 - دەريا ئاستى تېونېلىمۇ 1971 - يىلى رەسمىي پۈتۈپ قاتناش باشلانغان. لىۋېرپولدىكى يەر ئاستى تۆمۈر يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 22.1 كىلومېتىر كېلىدۇ. لىۋېرپول شەھىرىدە ئوتتۇرا ئەسىردە سېلىنغان كۆپلىگەن قۇرۇلۇشلار، ئەنگلىيە بويىچە ئەڭ چوڭ چېركاۋلار (1904 - يىلى سېلىنغان)، 1754 - يىلى سېلىنغان شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى قاتارلىق ئورۇنلار بار.