توكيو
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ياپونىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، خەلقئارادىكى ئاتاقلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇ شەھەر خونسىيو ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى توكيو قولتۇقىنىڭ شىمالىغا، دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ گۋەندۇڭ تۈزلەڭلىكىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ غەربتىن شەرققە بولغان ئۇزۇنلۇقى 90 كىلومېتر كېلىدۇ، شىمالدىن جەنۇبقا بولغان كەڭلىكى 25 كىلومېتر كېلىدۇ. توكيو دۆلەت بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون. ئۇ 23 رايون، 26 شەھەر، بىر خاس مەمۇرىي رايونى ھەم دېڭىزدىكى ئىرو قاتارلىق تاقىم ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر مەيدانى 2145.5 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، شەھەر ئاھالىسى 9 مىليون 42 مىڭ 600 يۈزدىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭغا شەھەر رايونىنىڭ ئاھالىسىنى قوشقاندا 11 مىليون 822 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). توكيودا يازلىقى ھاۋا ئىسسىق، كۆپ يامغۇرلۇق، قىشلىقى سوغۇقراق، قۇرغاق بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃14، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1500 مىللىمېتردىن ئاشىدۇ. توكيو 1457 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ئېرو (چاڭفۇ) دەپ ئاتالغان. 1868 - يىلىدىكى مىڭجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدىن كېيىن توكيو (دۇڭجىڭ) دە ئاتالغان. 1869 - يىلى ياپونىيىنىڭ پايتەختى بولغان. شەھەرنى غەربتىكى كىئوتو (جىڭدۇ) شەھىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن توكيو دەپ نام بەرگەن. توكيو 1943 - يىلى توكيو مەمۇرىي مەھكىمىسى (دۇڭجىڭ دۇ) بولۇپ قۇرۇلغان. بۇ شەھەر 1923 - يىلدىكى قاتتىق يەر تەۋرەشكە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ ۋەيران بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن تېزلىكتە قۇرۇلۇپ ياپونىيە بويىچلا ئەمەس، دۇنيا بويىچىمۇ ئاتاقلىق زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ھازىر ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئومۇملاشقان سانائەت مەركىزى. ئۇنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۆلەتتىكى چوڭ شەھەرلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۇ جايغا پۈتۈن دۆلەتتىكى 760 مىڭ چوڭ مالىيە كارخانىسىنىڭ %23، كاپىتالى 5 مىليارد ياپونىيە پۇلىدىن ئارتۇق بولغان چوڭ شىركەتلەرنىڭ 90% توپلانغان. توكيو سانائەت رايونى كېڭىيىپ ئەتراپىدىكى ئىئوكوگاما (خىڭ بىڭ)، تىبا (چەنيې) قاتارلىق سانائەت رايونىنى تەشكىل قىلىدۇ. توكيو سانائىتىدە پولات - تۆمۈر، كېمىسازلىق، نەشرىياتچىلىق، باسمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، خىمىيە - سانائەت، ئېلېكتر ماشىنىلىرى سانائىتى، سۈنئىي تالا، نېفىت ئايرىش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەر ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. توكيو ياپونىيىنىڭ قاتناش ترانسپورتى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان شەھىرى، شەھەردە چوڭ تىپتىكى خەلقئارا ئايرودرومى، يۇقىرى سۈرئەتلىك، ئېگىز جازىلىق تۆمۈريوللار بار، تاشيول لىنىيىلىرى ناھايىتى كۆپ، پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە قاتنايدىغان چوڭ - كىچىك ئاپتوموبىللار 3 مىليوندىن ئاشىدۇ. شەھەرنىڭ ھاۋا قۇرۇقلۇق، سۇ قاتنىشىلا تەرەققىي قىلىپ قالماستىن، ئۇنىڭ يەر ئاستى قاتناش ترانسپورتى، يەر ئاستى شەھەر قۇرۇلۇشىمۇ تەرەققىي قىلغان. توكيونىڭ بىرىنچى تارماق يەر ئاستى تۆمۈريولى 1939 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى پۈتۈن ئىشقا چۈشكەن. ھازىر (1984) ئۇنىڭ 13 تارماق يەر ئاستى تۆمۈر يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 203.6 كىلومېتر كېلىدۇ. يەر ئاستى تۆمۈر يولىدا بىر كۈندە قاتنايدىغان كىشىلەر 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ يەر ئاستىدا ئۈچ قەۋەت يەر ئاستى كوچىسى، 350 تىن ئوشۇق ھەرخىل يەر ئاستى ماگىزىنلىرى، كىتابخانا، ساتىراشخانا، چايخانا، ھاۋا تەڭشەش ئۈسكۈنلىرى، ماشىنا توختاش ئورۇنلىرى بار بولۇپ، كۈنىگە بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشى يەر ئاستىدا پائالىيەت قىلالايدۇ. توكيو پورتى ياپونىيە بويىچە 4 - چوڭ پورت بولۇپ، يىلىغا 40 مىليون توننا يۈكنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئۇ جايدا توكيو داشۆسى قاتارلىق 100 دىن ئوشۇق ئالىي بىلىم يۇرتى بۈر، ئۇلار پۈتۈن دۆلەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ %30 نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ جايدا يەنە باشقا مەدەنىيەت ئورۇنلىرى توپلانغان، بۇ جايدىكى نەشرىيات ئورۇنلىرى پۈتۈن دۆلەتتىكى نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ %80 نى ئىگىلەيدۇ. توكيودا يەنە كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولغان كۇتۇپخانا، دۆلەتلىك مۇزېيخانا، غەربىي تىنچ ئوكيان گۈزەل سەنئەت سارىيى، ياۋايى ھاۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق ئورۇنلار بار. شەھەردە يەنە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، خان سارايلىرى، چوڭ بانكىلار، چوڭ ھەم ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلار، ئاتاقلىق سودا رايونلىرى، مەشھۇر ساياھەت ھەم دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار.