باشقىرت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت رۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى بولۇپ، ئۇرال تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى غەربىي يان باغرى ھەم كاما دەرياسىنىڭ بېلايا تارمىقىدىكى باسىن رايونىغا جايلاشقان. مەيدانى 14 مىڭ 360 كۋادرات كىلومېتركېلىدۇ، ئاھالىسى 3 مىليون 853 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىسىنىڭ % 37 رۇسلار، %20 نى تاتارلار، % 19 نى باشقىرلا تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا چۇۋاش قاتارلىق مىللەتلەرمۇ ياشايدۇ. مەركىزى — ئۇفا شەھىرى. باشقىرتستاننىڭ شەرقىي ھەم شەرقىي جەنۇبىنى ئۇرال تاغلىرى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، بۇ تاغلارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000-1500 مېتر كېلىدۇ. غەربىي شىمالىدا ئېگىزلىكلەر، قالغان قىسمىدا ئېدىرلىقھەم دولقۇنسىمان تۈزلەڭلىكلەر ئورۇن ئالغان. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. 1 -ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋاا تېمپېراتۇرىسى℃14 -17℃، 7 - ئايلىقى ℃16.5-℃20.5 قا يېتىدۇ. ھۆل - يېغىن مىقدارى 400-500 مىللىمېترغا يېتىدۇ. كان بايلىقلىرىدىن نېفىت، تەبىئىي گاز ناھايىتى مول، ئۇنىڭدىن باشقا كۆمۈر، تاشتۇز قاتارلىق كان بايلىقلىرىمۇ بار. باشىرىستان سوۋېتىنىڭ مۇھىم نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ بىرى. سانائىتىدە نېفىت ئايرىش، نېفىت خىمىيە سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا ماشىنىسازلىق، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەز سانائەتلىرىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، قارا بۇغداي ئۆستۈرۈلىدۇ، چارۋىچىلىقىدا قويچىلىق ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.