UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئانتىپودېس ئاراللىرى

ئانتىپودېس ئاراللىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر جەنۇبىي تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي كەڭلىك 49°41′ بىلەن شەرقىي ئۇزۇنلۇق 178°43′ نىڭ تۇتاشقان ئورۇنغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ مەيدانى 62 كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 400 مېتر كېلىدۇ. يېڭى زىلاندىيىگە قارايدۇ. مۇقىم ئولتۇراقلاشقان كىشى يوق. ئارالنىڭ نامى ئۇنىڭ جايلاشقان ئورنىغا ئاساسەن ئانتىپودېس دەپ ئاتالغان. ئۇ گىرېكچە<ئۇدۇلدىكى نۇقتا> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئارالغا 1800 - يىلى بىرىنچى قېتىم ئەنگلىيىلىكلەر كەلگەن. ئۇ گەرچە جەنۇبىي تىنچ ئوكياندا بولسىمۇ، لېكىن ئورنى جەھەتتىن شىمالىي يېرىم شاردىكى گرىنىۋىچ ئۇدۇلىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ئانتىپودېس ئارىلى دەپ نام بېرىلگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر