گوتخوب
دۇنيادىكى شەھەرلەر
گېرىنلاندىيىنىڭ مەركىزى، گېرىنلاندىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر. ئاھالىسى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، گوتخوب 9 - ئەسىردىن 15 - ئەسىرگىچە نورۋېگىيىنىڭ مۇھىم بىر پونكىتى بولغان. دانىيىلىكلەر 1721 - يىلى ئۇ جايدا ئولتۇراق جايلارنى سالغان، كېيىنچە مەمۇرىي ئورگانلار، مەكتەپ، ھاۋارايى ئىستانىسىسى، سىمسىز تېلېگراف ئىستانسىسى، شەھەر رايونىدا ئايرودروم قاتارلىق ئورۇنلار سېلىنغان. قىشلىقى ئەتراپتىكى دېڭىز قىرغاقلىرى توڭلىمايدۇ، گوتخوب گوللاندىيىنىڭ مۇھىم بېلىقچىلىق پورتى، ئۇ جايدا بېلىقچىلىق ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان، شەھەردە بېلىق مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.