ھوستون شەھىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئا ق ش نىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ شەھەر. ئۇ تېكساس شتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇب، گالۋىستون قولتۇقىنىڭ غەربىي شىمال قىرغىقىغا جايلاشقان. بۇ شەھەر 1836 - يىلىدىن باشلاپ قېزىلغان ھوستون قانىلىنىڭ قېزىلىشى قاتارلىق شارائىتلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھوستون شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ئۇزۇن بوللمىسىمۇ، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى. ھازىر بۇ شەھەر ئا ق ش نىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت سانائەت مەركىزىگە ئايلاندى. بۇ جايدىكى نېفىت ئايرىش سانائەت مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن ئا ق ش دىكى نېفىت ئايرىش سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ 30% نى، سۈنئىي كاۋچۇك مەھسۇلاتىنىڭ %50 دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. نېفىتتىن باشقا يەنە پولات - تۆمۈر، ئېلېكتر، يەر شارى فىزىكىسى سانائەت ئورۇنلىرى، ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى قاتارلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى بار. ئا ق ش نىڭ ئايغا بىرىنچى قېتىم قويۇپ بەرگەن ئۇچار كېمىسى مۇشۇ شەھەردىن قويۇپ بېرىلگەن. بىرىنچى قېتىملىق يۈرەكنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى مۇشۇ شەھەردىكى دوختۇرخانىلاردا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان. ھوستون ئا ق ش نىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاتاقلىق مەدەنىي - مائارىپ، پەن - تېخنىكا مەركىزى، بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى بىر مىليون 545 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، بۇ جايدا 24 ئالىي مەكتەپ، 60 دىن ئوشۇق ھۈنەر - سەنئەت ئورۇنلىرى، 30 دىن ئوشۇق چوڭ بانكا، كۇتۇپخانا، مۇزېيخانىلار ۋە باشقا ئاتاقلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى بار. ھوستون شەھىرى ئالەم بوشلۇق سانائىتىدە تۇتقان ئورنىنىڭ مۇھىملىقىغا قاراپ <ئالەم بوشلۇق سانائەت مەركىزى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.