UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربېرىنگ ئارىلى

بېرىنگ ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر تىنچ ئوكياننىڭ ئەڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، بېرىنگ دېڭىزىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كوماندىر ئاراللىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال. ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كامچاتكا ئوبلاستىنىڭ بىر قىسمى، مەيدانى 1660 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئارالنىڭ شىمالىي قىسمى تۈزلەڭلىك، جەنۇبىي قىسمى تاغلىق كېلىدۇ. ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى دېڭىز يۈزىدىن 751 مېتر كېلىدۇ. ئىقلىمى سۇبئارىكتىكا ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 500 مىللىمېتردىن ئاشىدۇ، ئارال تۇندىرا ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلانغان، جىلغىلاردا پاكار قېيىن دەرىخى، تال قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. ئارالدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە بەك شالاڭ بولۇپ، ئاھالىسى يەرلىك ئالىئوت خەلقلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇلار بېلىقچىلىق ھەم ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
بېرىنگ ئارىلى | UyghurWiki | UyghurWiki