UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرتىمبۇ

تىمبۇ

دۇنيادىكى شەھەرلەر ھىمالايا تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان بۇتاننىڭ پايتەختى، دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ شەھىرى. بۇ شەھەر دۆلەتنىڭ غەربىدىكى ۋاڭ چۇ دەريا بويىغا جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 2700 مېترغا يېتىدۇ. ئاھالىسى 20 مىڭغا يېتىدۇ (1979). تىمبۇ شەھىرى تاشيول ئارقىلىق ھىندىستان ھەم دۆلەتنىڭ باشقا شەھەرلىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. شال، كۆممىقوناق، تېرىق، ياڭيۇ قاتارلىق مەھسۇلاتلار بۇ جايغا توپلىنىپ تارقىتىلىدۇ. شەھەردە ياغاچ مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، سېمونت، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ھاراق، خىمىيە، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردە يەنە لاما ئىبادەتخانىسى ھەم راھىبلار تۇرۇشلۇق ئورۇنلار، ھەيۋەتلىك خان ئوردىسى ھەم ھەربىي ئورۇنلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر