پىتتىسبۇرگ
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئا ق ش نىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان مۇھىم سانائەت شەھىرى پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ غەربىدىكى ئوگايىۋ دەرياسىنىڭ شىمال - جەنۇبتىن ئېقىپ كەلگەن ئىككى تارمىقىنىڭ بىرلەشكەن جايىغا جايلاشقان مۇھىم دەريا پورتى. پتتسبۇرگ شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونلىرى بىلەن قوشۇلۇپ 2 مىليون 306 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەر 1754 - يىلى فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى سالغان قەلئە ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان، ئۇ ۋاقىتتا بۇ جاينى فرانسىيىنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيىسى دىچېسنى نامىغا دىچېسنېبۇرگ دەپ ئاتىغان. 1758 - يىلى بۇ جاينى ئەنگلىيىلىكلەر ئىگىلىگەندىن كېيىن، بۇ جاينىڭ نامىنى ئەنگلىيىلىك سىياسىئون (سىياسەتچى) ۋىللىيام. پىتت نامىغا (1708-1778 - يىللىرى ياشىغان) پىتسبورگ دەپ ئۆزگەرتكەن. بۇ <پىتتنىڭ شەھىرى> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ۋىللىيام. پىتت 1768 - يىلى ئەنگلىيە باش مىنىسترى ۋاقتىدا فرانىسيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلىرىنى (بۈگۈنكى كانادانى) قولغا كىرگۈزۈۋالغان. پىتتسبۇرگ شەھىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆز ئەتراپىدىكى كۆمۈر، ھاك تېشى، تۆمۈر رۇدىسى، نېفىت قاتارلىق پايدىلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئالدى بىلەن پولات - تۆمۈر سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇ 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغىچە پولات - تۆمۈر ساھەسىدە ئا ق ش دا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ <ئا ق ش نىڭ پولات پايتەختى> دەپ نام ئالدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئا ق ش بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان پولاتنىڭ كۆپ قىسمى پتىتسبورگدىكى پولات - تۆمۈر شىركەتلىرىدە ئىشلەپچىقىرىلدى. كېيىن بۇ جاي پولات - تۆمۈر سانائەت ئاساسىدا ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق سانائىتىنى تەرەققىي قىلدى. بۇ جايدا يەنە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاليۇمىن، ئەينەك، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، كان ماشىنىلىرى، خىمىيە، ھەربىي قورال - ياراغ قاتارلىق سانائەتلەر يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. پتىتسبورگنىڭ قۇرۇقلۇق، سۇ، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ئۇ ئا ق ش نىڭ شەرقىي شىمالدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، تۆمۈريول ئارقىلىق شەرققە قاراپ يۈرسە، ئا ق ش نىڭ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى پىلادېلفىيە پورتىغا، شىمالىغا قاراپ يۈرسە ئېرى كۆلى ئارقىلىق بەش چوڭ كۆل رايونىغا، غەربگە قاراپ يۈرسە ئوگايىئو ۋە مىسسىسىپى سۇ سىستېمىسى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا زۆرۈر بولغان سانائەت خام ئەشىياسى يۇقىرىقى لىنىيىلەر ئارقىلىق توشۇلىدۇ. شەھەر ئىچىدە دەريا سۇ يوللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ دەريالارغا سېلىنغان كۆۋرۈكلەر 200 دىن ئاشىدۇ. پىتتسبورگ شەھىرى ئا ق ش ئۈچۈن ئېيتقاندا پولات - تۆمۈر، ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق سانائەتلىرى جەھەتتە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.