UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئورىنوكو دەرياسى

ئورىنوكو دەرياسى

دۇنيادىكى شەھەرلەر جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئۈچىنچى چوڭ دەريا. باش مەنبەسى ۋېنېسۇئېلا بىلەن برازېلىيە چېگرىسىدىكى پارىما تېغىدىن باشلىنىدۇ، يۇقىرى ئېقىنىنىڭ سۈيى تېز، شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمال يۆنىلىشىدە ئېقىپ، سان فېرناندوغا كەلگەندە شىمالغا بۇرۇلۇپ ئېقىپ، 420 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا كولومبىيە بىلەن ۋېنېسۇئېلانىڭ چېگرىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، مېتا دەرياسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن شەرقىي شىمالغا بۇرۇلۇپ ئاقىدۇ. باررانكاستىن تارتىپ ئاتلانتىك ئوكيانغا قۇيۇلۇش ئاغزىغا قەدەر 17 تارماققا بۆلۈنۈپ، مەيدانى 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دېلتا شەكىللەندۈرگەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2730 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. كۆلىمى 944 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دەريانىڭ مېتا، ئاراۋكا، ئاپۇرې كاۋرا ۋە كارونى قاتارلىق مۇھىم تارماقلىرى بار. دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنى كاسىكيارى قانىلى ئارقىلىق ئامازون دەرياسىنىڭ رىئو - نېگرو تارمىقى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. ئورىنوكو دەرياسى يامغۇرى كۆپ بولغان تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان بەلبېغى بىلەن تروپىك ساۋاننا بەلباغلىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغانلىقتىن، سۈيى ناھايىتى مول، تاشقىن مەزگىلىدە (ھەر يىلى 4 -، 10 - ئايلاردا) ئەتراپىدىكى كەڭ دائىرىلىك ئوزۇنلارنى سۇ بېسىپ كېتىدۇ. دەريانىڭ غول ھەم تارماق ئېقىنلىرىدا تېيىز ئېقىنلار، شارقىراتمىلار كۆپ، سۇ ئېنېرگىيىسى مول بولۇپ، نۇرغۇن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلغان. دەريانىڭ كۆپ قىسمىدا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. ئاياكوچاۋ پورتىدىن باشلاپ دەريا پاراخوتلىرى، بولىۋار شەھىرىدىن باشلاپ ئوكيان پاراخوتلىرى قاتنىيالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر