ھېرات
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ شەھىرى، ھېرات ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، ئاتاقلىق قاتناش تۈگۈنى. ھېرات ئىسكەندەرىيە ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە سېلىنغان قەدىمىي شەھەر. ئاھالىسى 157 مىڭدىن ئاشىدۇ. ھېرات دەريا ۋادىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 922 مېتىر كېلىدۇ، تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ئارىلىقىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ كەلمەكتە. قەدىمىي دەۋردىكى شەرق، غەرب ئارىلىقىدا داۋاملىشىپ كەلگەن ئاتاقلىق يىپەك يولىنىڭمۇ بىر لىنىيىسى مۇشۇ جاينى كېسىپ ئۆتكەن، بولۇپمۇ ئافغانىستاننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئىران بىلەن بولىدىغان سودا ئالاقىسى، قاتناش ترانسپورتى جەھەتتىكى رولى ناھايىتى چوڭ. ھېرات شەھىرىدىن ھەممە تەرەپكە كەتكەن تاشيول تورلىرى بار. شەھەردە توقۇمىچىلىق، چىگىت ئايرىش، شال ئاقلاش، ئۇن تارتىش، ياغ چىقىرىش، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، شۇنداقلا يىپەك توقۇمىچىلىق، يۇڭ توقۇمىچىلىق، گېلەمچىلىك سانائەت ئورۇنلىرى بار.