UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئۇليانوۋسكى شەھىرى

ئۇليانوۋسكى شەھىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىگە قاراشلىق ئۇليانوۋسكى ئوبلاستىنىڭ مەركىزى، سوېت ئىتتىپاقى بويىچە مەشھۇر شەھەر، لېنىننىڭ يۇرتى، بۇ شەھەر 1924 - يىلدىن ئىلگىرى <سىمبىرسكى> دەپ ئاتالغان. ئۇليانوۋسكى شەھىرى ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا ياسالغان كۇيبىشېۋ سۇ ئامبىرىنىڭ غەربىي ياقىسىغا جايلاشقان. ئۇليانوۋسكىنىڭ ئاساسى 1648 - يىلى سېلىنغان، 18 - ئەسىرگە كەلگەندە مۇھىم سودا مەركىزىگە ئايلانغان. ھازىر شەھەر ئاھالىسى 544 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). ئۇليانوۋسكى شەھىرىنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ماشىنىسازلىق سانائىتىنى (ئاپتوموبىل، ئېغىر تىپتىكى ستانوك، ماتور ئىشلەش قاتارلىق) ئاساس قىلىدۇ. شەھەردە بىرنەچچە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، پەن - تەتقىقات ئورۇنلىرى، لېنىن ئولتۇرغان جايلار، دۆلەتلىك كۇتۇپخانىلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئۇليانوۋسكى شەھىرى | UyghurWiki | UyghurWiki