تۇئامۇتۇ تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىنچ ئوكياندىكى پولىېنىزىيە ئاراللىرى سىستېمىسىنىڭ ئەڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئاراللار گۇرۇپپىسى. ئۇ چوڭ - كىچىك 80 دىن ئوشۇق ھالقىسىمان مارجان ئاراللاردىن تەشكىل تاپقان. يەر كۆلىمى 885 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 6664 تىن ئوشۇق بولۇپ، كۆپىنى پولېنىزىيىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئاراللارغا 1606 - يىلى ئىسپانىيىلىك دېڭىزچى دىكروس دېگەن كىشى بىرىنچى قېتىم كەلگەن. 1844 - يىلى فرانسىيە ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ئاراللارنىڭ يەر ئۈستى كۆرۈنۈشى تەكشى بولۇپ، خۇددى مەرۋايىت تاشلىرى سۇغا چۆكۈپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاراللار پەس ئاراللار، خەتەرلىك ئاراللار، مەرۋايىت ئاراللىرى دېگەن ناملاردا ئاتىلىدۇ، بۇ جايدىكى خەلق كوكۇس پالمىسى، سەي، ھەرخىل مېۋە ئۆستۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كالا، چوشقا باقىدۇ. فوسفورلۇق مېنېرال قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئېلىنىدۇ. تاشقى سودىسىدا فرانسىيە، ئا ق ش قاتارلىق دۆلەتلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئاراللاردىمۇ فرانسىيىنىڭ مۇھىم ھەربىي قوراللىرىنى سىناق قىلىش مەيدانلىرى بار.