گوركىي
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت روسىيە فېدېراتسىيىسىدىكى چوڭ شەھەر، گوركىي ئوبلاستىنىڭ مەركىزى، روسىيە فېدېراتسىيىسى بويىچە موسكۋا، لېنىنگرادلاردىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھەر. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 399 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، گوركىي شەھىرى ۋولگا دەرياسىنىڭ مۇھىم تارمىقى بولغان ئوكا دەرياسىنڭى ۋولگا دەرياسىغا قويۇلىدىغان يېرىگە جايلاشقان. بۇ شەھەر 1221 - يىلى قۇرۇلغان، 16 - ئەسىردىن باشلاپ مۇھىم سودا سانائەت مەركىزىگە ئايلانغان. 19 - ئەسىردىن باشلاپ كېمىسازلىق سانائىتى تېز تەرەققىي قىلغا. ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىدىن كېيىن شەھەرنىڭ باشقا سانائەت تارماقلىرىمۇ تېز تەرەققىي قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق سانائەت مەركىزىگە ئايلانغان. گوركىي شەھىرى سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئاپتوموبىل، ھەرخىل تىپتىكى دەريا پاراخوتلىرى، ئايروپىلان، تانكا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، شەھەرنىڭ ماشىنىسازلىق، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. گوركىي شەھىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى، مۇھىم تارىخىي شەھەر. بۇ جايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى گوركىي (1868 - يىلدىن 1936 - يىلغىچە) تۇغۇلغان، سوۋېت ھۆكۈمىتى 1932 - يىلى گوركىينى خاتىرىلەش ئۈچۈن شەھەرنىڭ نامىنى <گوركىي شەھىرى> گە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان. شەھەردە گوركىي نامىدىكى خاتىرە سارىيى، نۇرغۇنلىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، مەشھۇر تارىخىي ئورۇنلار بار. گوركىي شەھىرى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، چوڭ تىپتىكى دەريا پورتى، شەھەرنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، شەھەردىن يولغا چىققان پاراخوتلار دەريا، قاناللار ئارقىلىق ئاق دېڭىز، بالتىق دېڭىز، كاسپى كۆلى، ئازوف دېڭىز ھەم قارا دېڭىزلارغا چىقالايدۇ. شەھەرنىڭ يېنىدىن غەربىي سىبىر ۋە ئورال رايونىدىن كەلگەن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى ئۆتىدۇ. نۇرغۇن تۆمۈر يول لىنىيىلىرى شەھەردىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە تۇتىشىدۇ.