UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرۋاراناسى

ۋاراناسى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان شەھەر. ئۇ 1957 - يىلدىن بۇرۇن بېنارېس دەپ ئاتالغان، ئۇگانگى دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا، ۋارنا (قەدىمدە ۋاران دەپ ئاتالغان) ۋە ئاسسى دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ مۇھىم تۆمۈر يول، تاشيول، سۇ يول، ھاۋا يول قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ. ۋاراناسى ھىندىستاننىڭ قەدىمىي شەھىرى، مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى، ھىندى دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى، بۇ جايدا 1500 دىن ئوشۇق بۇتخانا ۋە باشقا تارىخىي ئاسارە ئەتىقە ئورۇنلىرى، كونا قۇرۇلۇشلار، مۇنارىلار، سارايلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە 1750 - يىلى سېلىنغان <ئالتۇن ساراي> ناھايىتى مەشھۇر. ۋاراناسى شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 607 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ 3/1 قىسمىنى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ھىندىلارنىڭ مۇقەددەس دىنىي مەركىزى ھېسابلىنىدۇ، ھەر يىلى بۇ شەھەرگە كېلىپ تاۋاپ قىلىپ قايتىدىغان خەلق 2، 3 مىليوندىن ئاشىدۇ. تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ سۇغا چۆمۈلۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن گانگى دەرياسى بويىغا پەلەمپەيلەر ياسالغان، بۇنىڭ بىلەن قاتار قىلىپ نۇرغۇن سارايلار سېلىنغان، شەھەردە مەخسۇس تاۋاپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان راھىپلار، قېرىلار، دىندارلار، كەمبەغەللەر بار. نۇرغۇن دىن مۇخلىسلىرى بۇ شەھەرگە توپلىنىپ <ئۆز ئۆمرىنى ياشارتىش> بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شۇڭا ئۇ ھىندىستان بويىچە ئەڭ قاينام - تاشقىنلىق شەھەرلەرنىڭ بىرى، شەھەرنىڭ سودىسى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە 1882 - يىلى گانگى دەرياسىغا سېلىنغان چوڭ كۆۋرۈك، 1921 - يىلى قۇرۇلغان ھىندىستان داشۆسى، ئەڭ چوڭ ھىندى تىلى كىتابخانىلىرى، قىرائەتخانىلار بار. شەھەردە ئايرودروم، يىپەكچىلىك، گىلەمچىلىك كارخانىلىرى ۋە باشقا ھەرخىل قول سانائەت ئورۇنلىرى بار. زامانىۋى سانائەتلەردىن توقۇمىچىلىق، گۈرۈچ ئاقلاش، ياغ چىقىرىش، تېرە - خۇرۇم، ماشىنىسازلىق، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، خىمىيە، سېمونت قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئۇنىڭ ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى دۆلەت بويىچە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ۋاراناسى | UyghurWiki | UyghurWiki